فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكى موڭغۇلدا تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەپ كونتروللۇق ۋە قامال قىلىشنى كۈچەيتمەكتە. ھەتتا، يەكشەنبە كۈنى ئىچكى موڭغۇلىيىنىڭ مەركىزىي كۆكخوتتىمۇ قامال قىلىش كۈچەيتىلگەن.
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۈمە كۈنى ئىچكى موڭغۇل كوممۇنىستىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى خۇ چۈنخۇا ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ھازىرقى جىددىي ۋەزىيەتنى ئوڭلاش ۋە نارازىلىق ھەرىكىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى بىلدۈرگەن. رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە خۇ چۈنخۇا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
ئىچكى موڭغۇل كوممۇنىستىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى جەريانىدا ئىككى قېتىملىق موڭغۇللارنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسىنى ئېتىراپ قىلىپ، بۇ ۋەقەنى « خاراكتېرى يامان، خەلقنىڭ غەزىپى يۇقىرى» دەپ تەكىتلەش بىلەن بىرگە ۋەقە تۇغدۇرغانلارنى « قانۇن بويىچە قاتتىق جازالايدىغانلىقى»نى تەكىتلىگەن.
شەنبە كۈنى ھۆكۈمەت ساقچى كۈچلىرىنى ئاجرىتىپ، نامايىشچىلارنى تىنچىتىشقا ئۇرۇنغان بولۇپ، شتابى نىيورتىكى جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ساقچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققانلىقى ، ساقچىلارنىڭ قامال قىلىشنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بولسا، خىتاينىڭ سۆز ئەركىنلىكى، نامايىش قىلىش ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشى، ساقچىلارنىڭ ئىچكى موڭغۇلدىكى نارازىلىق ھەرىكىتىنى زوراۋانلىق بىلەن باستۇرماسلىقىنى تەشەببۇس قىلدى.