ئىچكى موڭغۇل يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ كەلگۈسى غۇۋا

مالچىلارنىڭ مۇقىم تۇرالغۇغا كۆچۈشكە مەجبۇرلىنىشى ھەمدە ئىچكى موڭغۇلغا توختاۋسىز ئېقىپ كىرىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى تەسىرىدە ئىچكى موڭغۇل يايلاق مەدەنىيىتى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، يەرلىك خىتاي ھۆكۈمىتى، موڭغۇل مالچىلارنى تۇرالغۇ ئۆيلەرگە كۆچۈرۈش سىياسىتىنى ئون نەچچە يىل ئاۋۋال تونۇشتۇرغان بولۇپ، نۆۋەتتە "دېھقانچىلىق ۋە مال - چارۋىلارنىڭ ھەدىدىن كۆپ بولۇپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان يايلاقنىڭ قۇملىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش" نامىدا بۇ خىل سىياسەت تېخىمۇ قاتتىق يۈرگۈزۈلۈشكە باشلىغان.

ئەمما تەنقىدچىلەر موڭغۇل مالچىلاردىن تارتىۋېلىنغان يەرلەرنىڭ خىتاي كانچىلىق ۋە ئېنېرگىيە شىركەتلىرىگە بېرىۋېتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، موڭغۇل كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ بۇ خىل سىياسەت نەتىجىسىدە غايىب بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن موڭغۇل چارۋىچى باتار مۇخبىرغا " بىزنىڭ مەۋجۇت قېلىش بوشلۇقىمىز بارغانچە تارايماقتا" دېگەن.

ئىچكى موڭغۇلدا مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن باشلاپ ياشاۋاتقان خىتاي يازغۇچى لۇ جىيەنمىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆپلىگەن موڭغۇل ياشلارمۇ موڭغۇل مەدەنىيىتىگە قىزىقمايدىغان بولۇپ، ئۇلار خىتايلاشقان جەمئىيەتتە ھايات كەچۈرۈش ھەلەكچىلىكىدە ئاۋارە ئىكەن.

لۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ " بۇ مەدەنىيەت ئاساسەن يوقىلىۋاتىدۇ" دېگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەدەنىيەتنى چۈشەنمەيدىغانلىقىنى، چۈشەنمىگەنكەن قوغدىيالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.