ئىچكى موڭغۇلدا سۇدىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئىچكى موڭغۇلنىڭ چىفېڭ شەھىرىنىڭ يېڭى شەھەر رايونىدا ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان سۇدىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى كېلىپ چىققان.

ئەنگلىيە رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتى ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ جايدىكى بۇلغانغان سۇدىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى نەتىجىسىدە 4307 ئادەم دوختۇرخانىغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 3 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم دوختۇرخانىدىن چىققان بولسىمۇ، لېكىن 90 دىن ئارتۇق ئادەم داۋاملىق تۈردە داۋالانماقتا ئىكەن.

زەھەرلىنىش ۋەقەسى ئىچكى موڭغۇلنىڭ چىفېڭ شەھىرىنىڭ 8 مىكرو رايونىدىكى پۇقرالاردا 24 - ئىيۇلدىن ئېتىبارەن كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، زەھەرلەنگەنلەردە قىزىش، كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىق ھەر خىل غەيرى ئەھۋاللار بايقالغان ھەمدە تىببىي جەھەتتىن ئېنىقلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بۇلغانغان تۇرۇبا سۈيىدىن زەھەرلەنگەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، ھۆكۈمەت ھازىر زەھەرلەنگەنلەرنى داۋالاش ۋە داۋاملىق زەخەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېگىشلىك چارىلارنى قوللانغان. بىراق، يەرلىك تور ئابونېنتلىرى ۋەقە يۈز بېرىپ ئۇچ كۈنگىچە بۇ ئىشنىڭ خۇپىيانە تۇتۇلغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.