23-مايدىن باشلاپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ شىرىنغۇل ۋىلايىتى تەۋەسىدە چارۋىچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىب تاپقان نامايىشچى ئامما بىر خىتاي شوپۇرنىڭ موڭغۇل چارۋىچى مەرگەننى بېسىپ ئۆلتۈرۈۋەتكىنىگە قارشى نامايىش قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.
نيۇ-يوركتىكى جەنۇبىي موڭغۇلىيە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئىچكى موڭغۇلدىكى مەكتەپلەر قامال قىلىنغان ھەمدە يەنە بىر نەچچە مۇھىم شەھەرلەردە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلگەن.
تۈنۈگۈن ئىگىلىگەن خەۋىرىمىزدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ نامايىشچىلارنى تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
بۈگۈن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى موڭغۇلىيىدە زىيادە كۈچ ئىشلەتمەسلىككە چاقىردى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلق ئاممىسىنىڭ تەشكىللىنىش ۋە نامايىش قىلىش ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.