ئىچكىرىدىكى «شىنجاڭ سىنىپلىرى» غا جەنۇبتىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ بالىلىرى ئاشۇرۇپ قوبۇل قىلىنماقچى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى بۇ يىل خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى» غا قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى ئىلگىرىكى يىللاردىن 1240 نەپەر ئاشۇرۇپ، جەمئىي 8330 نەپەرگە يەتكۈزدى.


شىنخۇانىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى 3 ۋىلايەتنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىم دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ بالىلىرىنى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى 76 پىرسەنتتىن ئاشۇرۇش نىشان قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2000 - يىلىدىن باشلاپ خىتاي ئۆلكىلىرىدە «شىنجاڭ سىنىپلىرىنى» ئېچىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ يېشىغا توشقان بالىلارنى بۇ مەكتەپلەردە تەربىيىلەشكە باشلىغان ئىدى.

گەرچە دائىرىلەر بۇنى «ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئىلغار پەن - تېخنىكا بىلەن قوراللاندۇرۇش» دەپ تەشۋىق قىلسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مائارىپ سىستېمىسىنى كۈچەيتىشنىڭ ئورنىغا، ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە تەربىيىلىشىگە گۇمان بىلەن قاراپ كەلمەكتە.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا يەنە، ئىچكىرىدە ئوقۇپ، خىتاي تىلىنى سۇدەك بىلىدىغان بۇ بۇ خىلدىكى بالىلارنىڭمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىزمەت بازىرىدا ئوخشاشلا مىللىي ئايرىمىچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۇ سىنىپلارنى ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ سىستېمىسىدىن قالدۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى سۇسلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ بىر قىسمى دەپ تەنقىد قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سىياسەتنى كۈچەيتىپ ئېلىپ بارماقتا.