ئىچكىرىدىكى «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى»نىڭ ئوقۇش تۈزۈمىدە يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىلدى

ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاتا - ئانىلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىلىرى كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىدىن ئورۇن ئېلىپ، تۈرلۈك مۇلاھىزە ۋە ئىنكاسلارغا سەۋەب بولۇپ كېلىۋاتقان ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ ئوقۇش تۈزۈمىدە بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر يۈزبەردى. بۇنىڭ ئاساسلىقى ئوقۇش مۇددىتىنىڭ قىسقارتىلىشىغا مۇناسىۋەتلىكتۇر.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تور سەھىپىسىدىكى ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2012 - يىلىدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى مەزكۇر سىنىپلارنى ئاچقان مەكتەپلەرنىڭ سىناق ئىمتىھانى تاپشۇرۇپ، ئەگەر تەلەپكە لايىق بولسا، ئوقۇش مۇددىتى بىر يىل، يەنى تەييارلىق سىنىپتا ئوقۇش يىلى قىسقارتىلىپ، تولۇق ئوتتۇرىدا 3 يىل ئوقۇيدىكەن، سىناقتىن ئۆتەلمىگەنلەر بىر يىل تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇيدىكەن ھەمدە پۈتۈن تولۇق ئوتتۇرا سىنپىنى پۈتتۈرگىچە 4 يىل ۋاقىت كېتىدىكەن.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇر مائارىپ ئانالىزچىسىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بۇ خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتىلغان ئەمەلىيەتتىكى بىر تەڭپۇڭسىزلىق ۋە پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىشتىن ئىبارەت.

دائىرىلەر نۆۋەتتە، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ سانىنى تېز سۈرئەتتە ئاشۇرماقتا. ئىچكىرىدىكى 36 شەھەردىكى 66 مەكتەپتە بۇ خىل سىنىپ تەسىس قىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 24 مىڭدىن ئاشقان. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي ئەمەس مىللەت پەرزەنتلىرىدۇر.