ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانىنى تېز كۆپەيتمەكتە

ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ» لىرىدا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانىنى ئاشۇرماقچى.

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدە تەسىس قىلىنىپ،«شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى» دەپ نام بېرىلگەن ھەمدە ئاساسلىقى خىتاي ئەمەس مىللەت پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلغان مەزكۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى 2000-يىلىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلغان. بۇ سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى يىلدىن-يىلغا كۆپەيتىلمەكتە.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارىلىغان ئۇچۇرىدا ئېيتىلىشىچە، 2011-يىلى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى» نى ئاچقان ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن يەنە 10 ئى كۆپەيتىلگەن بولۇپ، بۇ يىل قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى 7090 نەپەرگە يەتكۈزۈلىدىكەن.

بۇ يىل پۈتۈن خىتاي بويىچە «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى» ئاچقان شەھەرلەر 39غا، مەكتەپلەر 76 غا، ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 23968 نەپەرگە يەتكۈزۈلگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ دائىرىلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى داۋاملىق تېز سۈرئەتتە كۆپەيتمەكتە. بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر، ئاقسۇ،خوتەن قاتارلىق ۋىلايەتلەردىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەت پەرزەنتلىرىنى تېخىمۇ كۆپلەپ قوبۇل قىلماقتا. 2014-يىلى، خىتاي ئۆلكىسىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 10 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىدا تەربىيىلەش، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆزىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ، يەنى خىتاي تىللىق مائارىپى بىلەن ئوخشاش ئۇيغۇر ياش ئەۋلادلىرىنى ئۆز ئانا تىلى، مىللىي مەدەنىيىتىدىن يىراقلاشتۇرۇش شۇنىڭدەك مىللىي كىملىك روھىنى ئاجىزلىتىشقا ئېلىپ بارىدۇ، دەپ قارىماقتا.