ئىككى كورېيە يەنە زەمبىرەك ئېتىشتى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ سىئولدىن بايان قىلىشىچە، 8‏-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىككى كورېيە بىر-بىرىگە زەمبىرەك ئېتىشتى. بۇ، شىمالىي كورېيە 2010‏-يىلى 11‏-ئايدا جەنۇبىي كورىيىنىڭ يئونپىوڭ ئارىلىغا زەمبىرەك ئېتىپ 4 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، 20 ئادەمنى يارىلاندۇرۇپ، ئىككى كورېيە ئوتتۇرىسىدا پەيدا قىلغان جىددىيلىكتىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق جىددىيلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011.08.10

جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، شىمالىي كورېيە بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دە، جەنۇبىي كورىيىنىڭ يئونپىوڭ ئارىلىغا قارىتىپ ئۈچ پاي زەمبىرەك ئاتقان.

جەنۇبىي كورىيىمۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن ئۈچ پاي زەمبىرەك ئاتقان. ھەر ئىككى تەرەپ ئاتقان ئوق دېڭىزغا چۈشكەن، قايسى بىر ئارالنىڭ ئادەم ياكى مۈلكى زىيانغا ئۇچرىمىغان. ئەمما بۇنىڭدىكى مەسىلە شۇكى، شىمالىي كورىيىنىڭ زەمبىرەك ئوقى ئىككى كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا سىزىقىدىن ھالقىپ ئۆتكەن.

كورېيە ئۇرۇشى 1953‏-يىلى ئاياغلاشقاندا، ب د ت ئىككى كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىزدا چېگرا سىزىقى بەلگىلىگەن ئىدى. بۇ سىزىق گەرچە ئىككى كورېيە ئىمزا قويغان چېگرا سىزىقى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ سىزىق يىللاردىن بۇيان ئىككى كورېيە ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق ساقلاشتا مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.