قەشقەر ئايرودرومىدا بايقالغان ئىككى پاي ئوق خىتاي دائىرىلىرىنى چۈچۈتۈۋەتتى

خوڭكوڭدا چىقىدىغان «مىڭباۋ گېزىتى» نىڭ بايان قىلىشىچە، قەشقەر ئايرودرومىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئورنى 3‏-ئاينىڭ 12‏-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچىگە بارىدىغان يولۇچىلارنىڭ يۈك-تاقلىرى ئىچىدە ئىككى پاي ئوق بارلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھادىسىدىن پايپېتەك بولۇشۇپ كەتكەن.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012.03.14

«سۇمۇرغ تېلېۋىزىيىسى»نىڭ بايان قىلىشىچە، قەشقەر ئايرودرومىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئورنى كىچىك كالىبېرلىق ئىككى پاي ئوقنى يانچۇقىغا سېلىپ يۈك-تاقلىرى قاتارىدا توشۇشقا ئۆتكۈزۈۋەتكەن ئادەمنى چاقىرىپ كېلىپ، بۇ جىنايەت گۇماندارىنى ئىككى پاي ئوق بىلەن بىللە يەرلىك ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنى بەكلا چۈچۈتۈۋەتكەن بۇ ۋەقەنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالى تېخىچە نامەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.