ئامېرىكىدىكى ئىككى تەيۋەنلىك خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىشلەش بىلەن ئەيىبلەندى

ئامېرىكا فېدىرال سوتى ئىككى تەيۋەنلىكنى خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى. نېۋ جېرسىي شتاتلىق فېدىرال سوت ئەيىبلىگۈچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فېدىرال تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى 2011-يىلى فېۋرالدىن باشلاپ، خۇي شېڭشىن ۋە خۇەن لىڭچاڭ ئىسىملىك بۇ ئىككى تەيۋەنلىكنى تەقىب ئاستىغا ئالغان.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.04.26

پۇقراچە كىيىنگەن تەكشۈرۈش خادىملىرى ئۇلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىش جەريانىدا بۇ ئىككى تەيۋەنلىكنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي تېخنىكىسىغا ئائىت ماتېرىياللارنى سېتىۋېلىپ، ئۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ساتماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئىككى تەيۋەنلىك بۇ يىل فېۋرالدا نيۇيوركتا قولغا ئېلىنغان. ئۇلار ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال ئىمبارگوسىغا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئەگەر بۇ جىنايەت بېكىتىلگەن تەقدىردە ئۇلار 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچرىشى مۇمكىن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.