بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ما جاۋشۇ بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئىككى نەپەر تىبەتلىككە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇ سۆزىدە ئىككى نەپەر تىبەتلىككە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈمىنىڭ قانۇنىي تەرتىپ بويىچە بولغانلىقىنى، سوتتا مەھكۇملارنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ مەھكۇملارنى ئاقلاپ پىكىر بايان قىلغانلىقىنى ۋە سوت جەريانىدا تىبەت تىلى قوللىنىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، مەھكۇمنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ سوتتا مەھكۇمنى ئاقلاپ پىكىر بايان قىلغانلىقى گۇمانىي بىر نۇقتا. چۈنكى خىتايدا نۆۋەتتە يولغا قويۇلۇۋاتقان بىر قىسىم قانۇنىي تەرتىپلەر، پەقەتلا كۆرگەزمە مەقسەتلىك بولۇپ، بۇ ئادالەتنى قوغداشتىن كۆپ ئۇزاق؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇق ئاستىدىكى بىر ئەدلىيە سىستېمىسدا، قانۇنىي تەرتىپنىڭ سىياسىيلاشماسلىقى مۇمكىن ئەمەس.
بۈگۈن تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت يەنە، ھەر دەرىجىلىك كادىرلىرىنى مۇقىملىقنى قوغداشنى كۈچەيتىش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان. تىبەتتىكى بۇ سىياسىي ھاۋامۇ مەزكۇر ئىككى تىبەتلىك ئۈستىدىكى ھۆكۈمنىڭ قانۇنىي تەرتىپلەر بويىچە بولغانلىقىغا قارىتا گۇمانلارنى ئاشۇرماقتا.