ئىككى ئۇيغۇر ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە 'ئەجدېرھا' سودا سارىيىنى پارتلىتىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلەندى

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە چىقىدىغان The National گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئابۇدابىدە ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئۈستىدىن سوت ئېچىلغان. سوتتا ئىككى نەپەر ئۇيغۇر شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ۋە تېررورچى دەپ ئەيىبلەنگەن.

ئەيىبنامىدا ئىككى نەپەر گۇماندارنىڭ ئابۇدابى شەھىرىدىكى "ئەجدېرھا" ناملىق خىتاي ماللىرى بازىرىنى پارتلىتىشقا ئۇرۇنغانلىقى بايان قىلىنغان. سوتتا ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئەيىبنامىنى رەت قىلغان ۋە ۋەقە ھەققىدىكى ئىقرارنامىسىنى قىيىن - قسىتاق نەتىجىسىدە مەجبۇرلانغان ھالدا يازغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى ۋە قاچان قولغا ئېلىنغانلىقى بايان قىلىنمىغان. خەۋەردە يېزىلىشىچە، ئۇلار 13600 دوللار پۇلنى ئاۋۋال ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن خىتايغا؛ ئاندىن، خىتايدىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا يۆتكىگەن؛ بۇ ساقچى تارماقلىرىنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان. ئۇلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا بىر قانچە قېتىم بېرىپ كېلىشى، ئەيىبنامىدا ئۇلارنىڭ پارتىلىتىشنى پىلانلاش جەريانى دەپ كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئەسلىدە سوت ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە ئېچىلغان؛ ئەمما تەرجىمان تېپىلمىغانلىقى ئۈچۈن سوت داۋام قىلمىغان. تۈنۈگۈنكى سوتتا ئىككى نەپەر تەرجىمان ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بىرى ئۇيغۇرچىدىن خىتايچىغا، يەنە بىرى خىتايچىدىن ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ئىككى نەپەر گۇماندارنىڭ بىرى 31، يەنە بىرى 35 ياش. ئەجدەرھا ناملىق سودا سارىيى خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئەڭ چوڭ سودا مەركەزلىرىدىن بىرىدۇر. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى سوتتا مەھكۇملار پەقەتلا ئەيىبلەنگەن، تېخى ھۆكۈم چىقمىغان.