شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلاردىن بەختىيار ماخمۇت ۋە ئەركىن ماخمۇتتىن ئىبارەت ئىككى ئاكا - ئۇكا مەھبۇسنى شۋېتسارىيگە قوبۇل قىلىشنى ئويلۇشىۋاتقان بولۇپ، ئۆتكەن ھەپتە خىتاي بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.
بۈگۈن ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سودا سۆھبىتىدە شۋېتسارىيە پرېزىدېنتى دورىس لېئۇتارد، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىچېلىنە رېي، ۋە خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچياڭلار ئۇچراشقان. سۆھبەت پرېزىدېنت دورىس ئىككى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان ۋە تەرەپلەر بۇ ھەقتە پىكىرلىرىنى بايان قىلىشقان. ئەمما سۆھبەت داۋامىدا ئىككى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە كونكېرت نېمىلەر دېيىلگەنلىكى خەۋەردە بايان قىلىنمىغان؛ پەقەت ئىككى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يىغىننىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
خىتاي ئۆتكەن ھەپتىدىكى باياناتىدا، گۇئەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى ۋە تېررورچىلىق گۇماندارلىرى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا قويۇۋېتىلىشىگىمۇ ھەرقانداق بىر دۆلەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىغىمۇ قارشى ئىكەنلىكىنى؛ ئۇلارنىڭ پەقەت خىتايغا قايتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.