خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر تۆت نەپەر ئافغانىستانلىقنىڭ ئىككى نەپىرى شوپۇر ، ئىككى نەپىرى مۇھاپىزەتچى ئىكەن. ئەمما، ھازىرچە مەزكۇر گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغانلارنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق پەرەز ۋە ئۇچۇر مەيدانغا چىقمىغان.
تالىبانلارنىڭ بىر باياناتچىسى خىتاي ئىنژېنېرلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ئەھۋالىنى مەلۇم قىلغان. خىتاي ئىنژېنېرلىرى تۇتقۇن قىلىنغان جاي ئافغانىستاننىڭ تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستانغا يېقىن ئۆلكىسى بولۇپ، بۇ يەردىكى ئاھالىنىڭ 50% تىن كۆپرەكىنى ئۆزبېكلەر تەشكىل قىلىدىكەن، قالغانلىرى تاجىك ۋە پاشتۇلار ئىكەن.
