بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قولغا ئېلىنغان ئىككى خىتاي ئەر - ئايال بولۇپ، ئەر يۈئەن چاڭ ئامېرىكا پۇقراسى، ئايالى، لىپىڭ خۇئاڭ خىتاي پۇقراسى ئىكەن.
بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى "شېرىكلىشىپ ئېكسپورت قىلىش ئالدامچىلىقى"نى پىلانلاش جىنايىتى بىلەن بۇ ھەپتە قولغا ئېلىنغان. ئەگەر ئۇلارنىڭ جىنايىتى دەلىللەنسە 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككىيلەن بىر تېخنولوگىيە شىركىتىنىڭ خوجايىنلىرى بولۇپ، ئۇلار، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىشى چەكلەنگەن، ئۈزلۈكسىز ئېلېكتىر سىگناللىرىنى مەخپىي شىفىرغا ئايلاندۇرۇدىغان بىر يۇقىرى تېخنىكىلىق ئەسۋابنى خىتايغا قانۇنسىز ئېكسپورت قىلماقچى بولغان.
بۇ خىلدىكى ئۇچۇر ۋە ھۆججەتلەر مەزكۇر گۇماندارلارنىڭ كومپيۇتېرىدىن تېپىلغان.
ھالبۇكى، خىتاي گۇماندارلارنىڭ ئادۋوكاتى جون ھاندزلىك، مەزكۇرلارنىڭ بۇ ئۈسكۈنىنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىش نىيىتى يوقلۇقىنى ئەمما ئۆز شىركىتىدە ئۆزگەرتىپ ياساپ، ئامېرىكىدا سېتىشنى پىلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇلار ئۇستىدىن بۇ يىل 1 - نويابىر سوت ئېچىلىدىكەن.