خىتاي دائىرىلىرى قەشقەر «يېڭى بازار ۋەقەسى» گە چېتىلىپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئىككى ئۇيغۇر ياشنى ئېتىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى

خىتاي دائىرىلىرى قەشقەر «يېڭى بازار ۋەقەسى» گە چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىككى ياشنى قەشقەر شەھەر ئەتراپىدىكى بىر شاللىقتا قەتلى قىلغان.

خىتاي ساقچى دائىرىلىرى مۇھەممەت ئىلى تىلىۋالدى ۋە تۇرسۇن ھەسەننىڭ 30-ۋە 31-ئىيۇل كۈنلىرى يۈز بەرگەن قەشقەر «يېڭى بازار ۋەقەسى» بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇيغۇر جەڭچىلىرىنى تۇتۇپ بەرگەنلەرگە 100 مىڭ يۈەندىن مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمەت باياناتچىسى خۇ خەنمىن دۈشەنبە كۈنى قەشقەردە مۇخبىرلارغا ئاشكارىلاپ، مۇھەممەت ئىلى تىلىۋالدى ۋە تۇرسۇن ھەسەننىڭ خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن قەشقەر شەھەر سىرتىدىكى بىر شاللىقتىكى توقۇنۇشتا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن قەشقەر يېڭى بازاردىكى ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ 18 كىشىگە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، ۋەقەنى «چېكىدىن ئاشقان دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر» نىڭ پەيدا قىلغانلىقىنى ۋە ھۇجۇمچىلارنىڭ رەھبىرىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق د ئۇ ق رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋەقەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ، ھۇجۇمچىلارنى ئەيىبكە بۇيرۇيالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ۋەقەدە يۈز بەرگەن ھەر ئىككىلا تەرەپتىكى ئۆلۈم-يىتىمگە خىتاي ھۆكۈمىتى جاۋابكار بولۇشى كېرەك» دەپ كۆرسەتتى. قەشقەردىن كەلگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەدىن كېيىن توقۇنۇش يۈز بەرگەن كوچىنى تاقاپ، كىملىك تەكشۈرۈشكە باشلىغان.