ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم "ئىككىنىڭ ئالدىنى ئېلىش" ئۈچۈن ۋەزىپە تەقسىماتى ئېلىپ باردى

ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكومنىڭ ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا ئاچقان مۇقىملىق خىزمەت يىغىنىدا، ئۇيغۇر ئېلىدە "چوڭ ئاممىۋى خاراكتېرلىك زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ۋە قەبىھ بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش"تىن ئىبارەت ئىككىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، "ئىككىنىڭ ئالدىنى ئېلىش" تا ۋەزىپە تەقسىماتى ئېلىپ بارغان. جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان بۇ يىغىنغا ئاپتونوم رايوننىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلىمىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇر ۋە قازاق رەھبەرلەرنىڭ ھەممىسى قاتناشتۇرۇلغان.

14 كىشىلىك بۇ يىغىنىدا ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغانلار، نۇر بەكرى، ئەركىن ئېمىرباقى ۋە ئەسقەت كېرىمباي بولۇپ، 10 نەپىرىنى ئاز سانلىق مىللەت دەپ ئاتالغان رەھبەرلەر ئىگىلىگەن.

بۇ قېتىمقى ۋەزىپە تەقسىماتىدىمۇ، ئۇيغۇر رايونىغا ئاساسى خەۋپنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىكەنلىكى، رايوندا بىر قولدا مۇقىملىق ۋە بىر قولدا تەرەققىياتنى تۇتۇش، ھەر ئىككىسىنى قاتتىق تۇتۇش تەكىتلەنگەن. يىللاردىن بېرىقى مۇقىملىق خىزمەت يىغىنلىرىدا، ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىشتە باش كۆتۈرگەن ھامان يوقىتىش، بىخ ھالىتىدە ئۇجۇقتۇرۇش، 100ئى خاتا تۇتۇلسىمۇ، بىرسىنى توردىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق قاتارلىق دۆلەت تېررورلۇقى ماھىيىتىدىكى چاقىرىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

بۇ قېتىمقى يىغىنىدا، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش بىلەن بىرلىكتە، قانۇن بويىچە ۋە تەرتىپ بويىچە ئىش قىلىش شوئارى قېتىلغان. شوئاردىكى بۇ كىچىك ئۆزگىرىشنىڭ بىر تەساددىپيلىق ئىكەنلىكى ياكى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىدىن تۇغۇلغان پىلانلىق بىر چاقىرىق ئىكەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.