«ئۇيغۇر بىز» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مۇسابىقىگە بېيجىڭدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن 16 كوماندا قاتناشقان. يەنە خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، بۇ مەزكۇر لوڭقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 23-قېتىملىقىدۇر.
تارىخىي مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى، 1880-يىللارنىڭ ئالدى كەينىگە، مەشھۇر ئۇيغۇر بايلىرىدىن باۋدۇن ھۈسەن باينىڭ ئاتۇشتا پەننىي مەكتەپ ئاچقان يىللارغا توغرا كېلىدۇ.
يەنە تارىخىي مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا ئاتۇشنىڭ ئىكساق كەنتىدىكى ئۇيغۇر پۇتبولچىلار، قەشقەردىكى ئەنگلىيە ۋە شۋېتسىيە كونسۇلخانىلىرىنىڭ پۇتبول كوماندىلىرى بىلەن مۇسابىقىلەشكەن ۋە رەقىبلىرىنى يەڭگەن.
بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى «ئىكساق لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەھمىيەتلىك ۋەقە ۋە مۇھىم شەخسلەرنى خاتىرىلەپ كەلمەكتە.