ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ئىلغار قورال - ياراق سېتىپ بېرىش قارارى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە 6 مىليارد 5 يۈز مىليون دوللارلىق ئىلغار قورال - ياراق سېتىپ بېرىش قارارى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىش قارارىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق ۋە خىتاينىڭ مىللىي بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەنلىك دەپ كۆرسەتكەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىيۇ جەنچاۋ، بۇ قارار خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە جىددىي سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىئىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىيۇ جەنچاۋ شەنبە كۈنى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي خەلقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىش توغرىسىدىكى قارارىغا قارشى ھەمدە بۇ قارارغا نارازىلىق بىلدۈرىدۇ" دېگەن.

تەيۋەن ھۆكۈمىتى بولسا، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ئىلغار قورال - ياراق سېتىش قارارىنى قىزغىنلىق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فرانىسيە ئاگېنتلىقىنىڭ تەيبېيدىن خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يېڭجۇ شەنبە كۈنى تەيۋەنگە قورال سېتىش قارار ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، "ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى تەيۋەن - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېڭى بىر دەۋىرگە قەدەم قويغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ" دېگەن.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنستىرلىقى جۈمە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە تەيۋەنگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاپاچې ماركىلىق ھەربىي تىك ئۇچار ۋە سۇ ئاستى پاراخوتىدىن ئېتىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق 6 مىليارت 5 يۈز مىليون دوللارلىق ئىلغار قورال - ياراق سېتىش قارارى ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى 30 كۈن ئىچىدە بۇ قارارنى تەستىقلىشى كېرەك.