مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى «ئانا تىل قايغۇسى ۋە قوش تىللىق مائارىپقا تەلەپ» ناملىق تەكلىپ لايىھىسىنى ئېلان قىلدى

خىتاي مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى بۈگۈن مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى تورىدا ئۆزى تەرىپىدىن ھازىرلانغان 200دىن ئارتۇق كىشى ئىمزا قويغان «ئانا تىل قايغۇسى ۋە قوش تىللىق مائارىپقا تەلەپ» ناملىق تەكلىپ لايىھىسىنى ئېلان قىلدى.

لايىھىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان مىللىي سىياسەت، جۈملىدىن مائارىپ ۋە تىل-يېزىق سىياسىتىگە قارىتا 6 تۈرلۈك چاقىرىق ۋە 12 تۈرلۈك تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئىلھام توختى تەكلىپ لايىھىسىدە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغان يەككە تىللىق مائارىپ ئىكەنلىكىنى، بۇ مائارىپنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇپلا قالماستىن، خىتاينىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىگىمۇ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

لايىھىدە ئالدى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا 1951‏، 1995 ۋە 1996-يىللاردا ماقۇللانغان ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئىشلىتىش ۋە ئانا تىل مائارىپىدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا ئائىت ئەھدىنامىلەر ئەسلەپ ئۆتۈلگەن.

لايىھىدە يەنە ئانا تىل مائارىپى ئەڭ بىۋاسىتە ئۈنۈم بېرىدىغان ۋە مىللىي مەۋجۇدىيەتنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئامىل دەپ كۆرسىتىلگەن بولسا، خىتاي تىلى مائارىپى ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن «دۆلەت تىلىنىڭ ئورنى جەزملەشتۈرۈلۇشى كېرەك، ئەمما بۇ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىق ھوقۇقىغا دەخلى قىلىنمىغان ئاساستا ھەم شۇ مىللەتلەرنىڭ ئانا تىل مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئەھۋالدا يولغا قويۇلۇشى كېرەك.»

ئىلھام توختىنىڭ مەزكۇر تور مۇخبىرىغا بايان قىلىشىچە، بۇ تەكلىپ لايىھىدىكى چاقىرىق ۋە تەلەپلەر، تۇنجى قېتىم ئۆتكەن يىلى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىغىن زالىدا ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلار ۋە بىر قىسىم چەتئەل ئەلچىخانا خادىملىرى بولۇپ 400دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان بىر قېتىملىق لېكسىيىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.