خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىلھام توختى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئالدى - كەينىدە ئارقا - ئارقىدىن بىر قانچە قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان، سوراق قىلىنغان ۋە تەھدىتكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا خىتاينىڭ قانۇنلىرى دائىرىسى ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغداش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئۇنىڭ نۆۋەتتە قىلىۋاتقىنى، ھەپتىلىك لىكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى بولۇپ، لىكسىيىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىلىرى ۋە كېلەچىكى ھەققىدە مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلماقتا.
ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ماقالىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئىلھام توختىنىڭ سىياسىي كۆز قاراشلىرى ۋە ئۇنىڭ كىشىلىك خاراكتېرى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن.