دوكلاتتىكى سانلىق مەلۇماتلاردا 2008-يىلى خىتايدىكى بايلىق تەقسىماتىدىكى پەرق نىسبىتىنىڭ 0.491 بولغانلىقىنى، ئۇندىن كېيىنكى يىللاردا بولسا بارغانچە تۆۋەنلەپ، 2012-يىلى 0.474 كە چۈشكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە، دوكلاتتا ئاپتونوم رايونى ھەققىدىكى ئېنىق سانلىق مەلۇمات بېرىلمىگىنى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار بىلەن رايوندىكى باشقا مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي پەرقىنى ئېنىقلاش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقى ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستېمال سەۋىيىسىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۆپ تۆۋەنلىكى تەكىتلەنگەن.
ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ ساھىبى،مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى دوتسېنتى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى، رادىئومىز مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستېمال سەۋىيىسىنىڭ خىتايدا ئۈزلۈكسىز ھالدا تۆۋەن بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختىلىپ: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار رايوندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇپ، نامراتلىشىشقا يۈزلەندى. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ نامرات قېلىشىدىكى نېگىزلىك سەۋەب ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقسىز قالدۇرۇلغانلىقىدا دەپ قارايمەن.» دېدى.