ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 3-فېۋرال كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئىلھام توختى ئەپەندى ئايرودرومدا 12 سائەت توختىتىپ قويۇلۇپ، بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بىخەتەرلىك خادىملىرى ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن توختىتىپ قويۇلۇش سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىگەن.
ئىلھام توختى ئەپەندى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ياۋرو - ئاسىيا تەتقىقاتى مەركەزلەشكەن ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن بىرى ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەتقىقات ۋە بىلىم ئاشۇرۇشقا تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ مەزكۇر سەپىرىگە ئاتلىنىپ، ئايروپىلانغا چىقىشتىن بۇرۇن توختىتىپ قويۇلغان.
ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر ئېلى تەتقىقاتى كەسپى تەسىس قىلىنغان ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىخى، سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيىتى ۋە باشقا مەسىلىلىرى بويىچە مەخسۇس دەرسلەر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ يەردە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار مەزكۇر ساھە بويىچە دوكتورلۇق ۋە ماگىستىرلىق ئۇنۋانلىرى ئۈچۈن ئوقۇماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىلگىرىمۇ ئىلھام توختىنىڭ بىر قانچە قېتىم چەتئەللەردىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىش سەپىرى توسۇپ قويۇلغان ئىدى.