ئىلھام توختى يەنە، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ھەققىدە توختىلىپ، "ئۇلار مەندىن بەكمۇ خاپا. ئۇلار ماڭا چوڭ بالاغا مۇپتىلا بولىدىغانلىقىمنى ئېنىق ئېيتقان ئىدى،" دېگەن.
ئىلھام توختى مۇخبىرىغا ئوتكەن يىلدىكى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن، خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ئۇنى ئاتالمىش 3 ھەپتىلىك "دەم ئېلىش"قا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ۋە ئۇنى سوراق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، سوراقچىلار ئىلھام توختىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئوچۇق - ئاشكارا ئەيىبلەشتىن توختاشقا قىستىغان. ئىلھام توختى مۇنداق دېگەن: "ئۇلار بەزىدە ماڭا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلىشىدۇ، ئەمما بەزىدە بولسا بىز سىنى خۇددى چۈمۈلىدەك يانجىۋېتەلەيمىز دەيدۇ."
ئىلھام توختى يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان ئادالەتسىزلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى بارغانچە غەزەپلەندۈرىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە چەتكە قايرىپ قويۇلغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئۇچۇن سۆزلەشكە مەجبۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ، ئاخىرىدا ئوز بىخەتەرلىكى ھەققىدە توختىلىپ، "ئەگەر بۇ يەردىكى ئىشلار مەن ئويلىغاندەك تىز ئۆزگەرمىسە مەن تۈگىشىمەن. بەلكىم مەن جەھەننەمگە يوللىنىشىم مۇمكىن. ئەمما پەرۋايىم پەلەك. بەلكىم بەزى جەھەتلەردىن ئېلىپ ئېيتقاندا مەن ئۆزۈمنى ئاللىقاچان شۇنداق مۇھىتتا دېسەممۇ بولىدۇ" دېگەن.
ئىلھام توختى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسەتلىرىنى ئەڭ كۈچلۈك تەنقىدلىگۈچىلەرنىڭ بىرى.