ئامېرىكىدىكى «ئۆزگىرىش» ئىسىملىك بۇ تور بەتتە ئەي ۋېيۋېي ئۈچۈن چىقىرىلغان چاقىرىقنامىگە ھازىرغىچە يۈز مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قول قويغان. ئەمما چارشەنبە كۈنى بۇ تور بېتى خىتايدىن كەلگەن خاككىرلىق ھۇجۇمىدىن تاقىلىپ قالغان.
مەزكۇر تور بەتنىڭ دىرېكتورى بەن رەتتېرىينىڭ فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا ئېيتىشىچە، مەزكۇر تور بەت دۈشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن كاشىلىغا ئۇچراشقا باشلىغان بولۇپ، بۇزغۇنچىلىق قىلغان مەنبەنىڭ خىتايدىن كەلگەنلىكى ئېنىقلانغان.
ئۇ سۆزىدە، بۇ ھۇجۇمنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇش ھەرىكىتىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى تېخىمۇ ئاشۇرغانلىقىنى ئېيتقان.
ئىگىلىنىشىچە، ئەي ۋېۋېينى قوللاش ئۈچۈن ئىنتېرنېتتا ئېلىپ بېرىلغان بۇ قول قويۇش ھەرىكىتىنى نيۇ-يورك گوگېنخىم مۇزېيى، نيۇ-يورك سەنئەت مۇزېيى، لوندون تېت مۇزېيى ۋە فرانسىيىدىكى زامانىۋى سەنئەتلەر مۇزېيى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ باشلىغان ئىكەن.
خىتايدىكى تونۇلغان بىناكارلىق قۇرۇلۇش سەنئەتكارى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئەي ۋېيۋېي 3-ئاپرېل كۈنى خوڭكوڭغا قاراپ ئۇچۇش ئالدىدا تۇرغاندا قولغا ئېلىنغان ئىدى. ۋەقە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ باج يوشۇرۇش جىنايىتى سەۋەبلىك تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنى تۇتۇپ تۇرۇشنى داۋام قىلماقتا.