گ-8 دۆلەتلىرى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى مۇزاكىرە قىلماقچى

ئالدىمىزدىكى ھەپتە فرانسىيىدە ئېچىلىدىغان گ-8 دۆلەتلىرى باشلىقلىرى يىغىنى باشلىنىش ئالدىدا، فرانسىيە پرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزىي دۇنيادىكى ئەڭ زور ئىنتېرنېت ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالدى.

بۇلارنىڭ ئىچىدە گوگۇل، فېيىسبۇك ۋە مىكروسوفت شىركەتلىرىنىڭ باشلىقلىرىمۇ بار.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر يىغىندا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى، ئىنتېرنېتنىڭ قانچىلىك ئەركىن بولۇشى كېرەكلىكى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمەتلەرنىڭ كونتروللۇقىدىن خالىي بولۇش مەسىلىسىگە ئوخشاش مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. يىغىن ئاخىرىدا چىققان نەتىجە ئالدىمىزدىكى ھەپتە گ-8 دۆلەتلىرى ئۇچرىشىشىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ، گ-8 دۆلەتلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئىنتېرنېتنى تالاش-تارتىش قىلىشى بولۇپ، يىغىندا ئىنتېرنېتنىڭ ھۆكۈمەت كونتروللۇقىدىن خالىي بولۇشى ۋە ئىنتېرنېتتىكى چېكىدىن ئاشقان ئەركىنلىكنى تەرتىپكە سېلىشتىن ئىبارەت ئىككى ئانا تېمىنىڭ ئاساسىي مۇزاكىرە تېمىسى بولىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

ب ب س دا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە تاشقى سىياسىتى ئۈچۈن مۇھىملىقىنى ئىلگىرىمۇ تەكىتلەپ كەلگەن.
ئەمما بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىنتېرنېتتا نەشر ھوقۇقى ۋە كىشىلەرنىڭ شەخسى ھايات مەخپىيەتلىكىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش ئەھۋالىنىڭ مەۋجۇتلۇقىمۇ بىر ھەقىقەت بولۇپ، ياۋروپا ئەللىرىدە بۇنىڭغا قارشى سادالار بارغانسېرى كۈچەيمەكتە.

يېقىندىن بۇيان مەيدانغا كېلىۋاتقان ئىنتېرنېتقا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدە مەيدانغا كەلگەن دېموكراتىك ھەرىكەتلەردە ئىنتېرنېتنىڭ ئالاھىدە زور رول ئوينىشى گ-8 دۆلەتلىرىنى بۇ ھەقتە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشقا ئۈندىگەن ئامىل ھېسابلىنىدىكەن.

2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىمۇ ئىنتېرنېت مۇھىم رول ئوينىغان. ۋەقەدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا ئىنتېرنېتنى بىر يىلغا يېقىن توسۇۋەتكەن ئىدى. يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتى سەۋەبلىك ئىنتېرنېتتىكى بېسىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇشىمۇ دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە غۇلغۇلا ياراتقان ئىدى.