مەتبۇئات خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوباما بۇ قارارنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، «ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ ھۆكۈمەت ھەم پۈتكۈل جەمئىيەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك ئورتاق مەسىلە ئىكەنلىكىنى، بۇ، ئامېرىكىنىڭ تۇنجى قېتىم ئىنتېرنېت مەسىلىسىدە خەلقئارالىق قارار ماقۇللىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ھۆججەتتە، ئامېرىكا دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغان ئىنتېرنېت تورى ھۇجۇمىغا ئۇچرىسا، ئېھتىمال ھەربىي كۈچ ئارقىلىق قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن دېيىلگەن.
بۈگۈن خىتاي مەتبۇئاتلىرىمۇ، ئامېرىكىنىڭ ئىنتېرنېت ھەققىدە ئالغان قارارى ھەققىدە ئوخشىمىغان نۇقتىدىن خەۋەر بەردى. خىتاينىڭ يەر شارى تورى «ئامېرىكا تور ھۇجۇمىغا قورال كۈچى بىلەن قايتۇرما ھۇجۇم قىلىدۇ» دەپ خەۋەر بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئەندىشىنى ئىپادىلىدى.
چەتئەللەردە خىتاي تىلىدا چىقىدىغان بوشۈن تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتايدا ئۈزۈۋېتىلگەن ئىنتېرنېت تور ئالاقىسى، چەتئەللەر بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىسى قىسمەن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما فەيسبوك قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تور بەتلىرى ھەم تېلېفوندا رەڭلىك ئۇچۇر يوللاش قاتارلىقلار ئەسلىگە كەلتۈرۈلمىگەن ئىدى.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېلېفون ئابونتلىرىنىڭ بوشۈن تورى مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، 22 ئاي ئۈزۈۋېتىلگەن تېلېفوندا رەڭلىك ئۇچۇر يوللاش ئىقتىدارى بۇ ھەپتە تۇيۇقسىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. ئەمما تېلېفون شىركەتلىرى ھەم ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بۇ ھەقتە ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمىگەن.