ئامېرىكا بۇنىڭدىن كېيىن ئىنتېرنېت ھۇجۇملىرىغا، ھەربىي قايتۇرما ھۇجۇم بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ

ئامېرىكا بۇنىڭدىن كېيىن، ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كومپيۇتېر سىستېمىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى، ئادەتتە ھەربىي قىسىم بىلەن ئۇشتۇمتۇت ئۇرۇش قوزغاپ ئامېرىكىنى بومبىلىغانغا ئوخشاش ۋەقە دەپ قاراپ، بۇنداق ھادىسىگە ھەربىي قايتۇرما ھۇجۇم بىلەن جاۋاب بېرىشنى ئويلىشىدۇ.

بۇ ئۇچۇرنى خۇففېڭتون پوست گېزىتى بەش بۇرجەك بىنانىڭ دوكلاتىدىن ئالغان.

ۋولت سترىت ژۇرنىلى نىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ، ئاقساراينىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قوللىنىدىغان ئىنتېرنېتنىڭ ئوچۇق ھەم بىخەتەر بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسمى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارى بۇ ئىستراتېگىيىگە ئىزاھات بېرىپ، ئەگەر سەن ئىنتېرنېت ئارقىلىق ھۇجۇم قوزغاپ، بىزنىڭ كومپيۇتېر سىستېمىمىزغا كاشىلا قىلساڭ، بىزنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىمىز ئۇنىڭغا جاۋابەن دەرھال قوزغىلىپ، ھەرىكەت قىلغان جايىڭدا كۈلۈڭنى كۆككە سورۇيدۇ، دەپ ئەسكەرتكەن.