2002-يىلىدىن بۇيان سىنگاپوردا چاقىرىلىۋاتقان «شاڭگرى-لا دىئالوگى» ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئەللىرىنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى قاتنىشىدىغان خەۋپسىزلىك مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ، بۇ نۆۋەتتىكىسى ئامېرىكىغا قارىتىلغان ئىنتېرنېت ھۇجۇملىرى كۆپەيگەن مەزگىلگە توغرا كەلدى.
گېيتىس ئامېرىكىغا قارىتىلغان ئىنتېرنېت ھۇجۇملىرىنىڭ ھەر خىل شەكىلدە ھەمدە ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: تور ئۇرۇشى قىلمىشى شەكىللەنسە، بۇ ئىنكاس قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ خىلدىكى ئىنكاسلار تور ئارقىلىق ياكى باشقا شەكىللەردە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئۆتكەن ھەپتە گۇگۇل شىركىتى بىر قىسىم ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ۋە ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە تەۋە ئېلخەت ساندۇقلىرىنىڭ خىتايدىن كەلگەن ئىنتېرنېت ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
خىتاي بۇ ھەقتىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتايدىن بۇنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.