مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى 10 كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تۇتۇلغان. دائىرىلەر، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى ئادەمگە مەمۇرىي جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بەرگەندىن باشقا، 4 نەپىرىگە جەرىمانە قويغان ۋە 19 ئادەمگە تەربىيە قىلغان. ھالبۇكى، بۇلارنىڭ مىللەت تەركىبى، ھازىرچە ساقچىخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ياكى قويۇپ بېرىلگەنلىكىگە ئائىت ئېنىق خەۋەر يوق.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەت بىر تەرەپ قىلىنغانلار ئاساسەن باشقا تۈرداشلار ساقچىغا يەتكۈزگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن تەكشۈرۈپ تۇتۇلغان.
نۆۋەتتە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ج خ دائىرىلىرى يانفون ئۇچۇرلىرىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتكەن.
"5 - ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئىنتېرنېتنى ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىدا چوڭ رول ئوينىغان دەپ قارىغان ۋە ئۇيغۇر ئېلىنى خەلقئارا توردىن ئۈزۈۋەتكەندىن سىرت، يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر تور بەت ئىگىلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلىرىنى قولغا ئالغان ئىدى.
ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتېرنېت ئالاقىسى 14 - ماي رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.
