ئىنتېرنېت ساھەسى كاتتىۋاشلىرى پىكىر ئەركىنلىكىنى قوغداش نىزامىنى بېكىتتى

سەيشەنبە كۈنى گۇگۇل، مىكروسوفت، ياخۇ قاتارلىق دۇنيا ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى داڭلىق ئىنتېرنېت مۇلازىمەت شىركەتلىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرى، ئىنتېرنېت پىكىر ئەركىنلىكى ۋە مەخپىيەتلىكىنى قوغداش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

بۇ ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى كاتتىۋاشلار ئىلگىرى خىتاينىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى توساش قىلمىشىغا ھەمكارلىشىپ،ئابونتلارنىڭ شەخسى ماتېرىياللىرى ھەم مەخپىيەتلىكلىرىنى ئاشكارىلاش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.

بۇ نۆۋەت ئېلان قىلغان باياناتتا، ئىنتېرنېت مۇلازىمەت ساھەسىنىڭ كەسپى ئەخلاقى نىزام بۇيىچە،" مەزكۈر باياناتقا قاتناشقان ئىنتېرنېت مۇلازىمەت شىركەتلىرىنىڭ بىرلىكتە ئابونتلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ھەمدە مەخپىيەتلىكلىرىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە قوغداش،ھەر قانداق ھۆكۈمەتنىڭ ئابونتلارنىڭ شەخسى ھۆججەتلىرىنى ئاشكارىلىشىغا ھەمكارلىشىش تەلىپىنى رەت قىلىش"تەشەببۇس قىلىنغان.

مەزكۈر بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىشقا يەنە سىسكو (cisco) ئىنتېرنېت شىركىتى، كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرى ھەمدە بىر قىسىم نوپوزلۇق تەتقىقاتچىلار قاتناشقان.

بۇ داڭلىق ئىنتېرنېت تور مۇلازىمەت شىركەتلىرىنىڭ بىرلەشمە باياناتىدا ئېلان قىلغان يېڭى نىزامىدا يەنە، مەزكۈر ئىنتېرنېت مۇلازىمەت شىركەتلىرى ھەر قانداق دۆلەت بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىدا،ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداشنى ئوتتۇرىغا قويۇش بەلگىلەنگەن.

2005 - يىلى خىتاي مۇخبىرى شىتاۋغا، ياخۇ شىركىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئارخىپ تەمىنلىشى بىلەن، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى ئارتىلىپ، ئۇ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچرىغان.

گەرچە ياخۇ شىركىتى خىتايدا مۇلازىمەت قىلىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆزىنى ئاقلىغان بولسىمۇ، ئىنتېرنېت ساھەسىدە سەتچىلىك پەيدا قىلىپ، ئابونتلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن ئىدى.