مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن كومپيۇتېر ئىنژېنېرى جاڭ باۋ خىتاي پۇقراسى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ نيۇ-يورك بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بانكىسىنىڭ تەكلىپ قىلىنغان كومپيۇتېر ئىنژېنېرى بولۇشتەك خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ، نيۇ-يورك بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بانكىسىنىڭ 10 مىليون دوللار قىممىتىدىكى كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالىنى ئوغرىلىغان.
جاڭ باۋنىڭ ئادۋوكاتى ئۇنىڭ خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ تەپتىشنىڭ ئەيىبنامىسى ھەققىدە بايانات بېرىشنى رەت قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە جاڭ باۋ بۇ يىل 2-ئاينىڭ 17-كۈنى يەنە سوتقا چىقىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئۇنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى بېكىتىلسە، 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.