20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ يەر شارىنى ئىقتىسادىي كرىزىستىن ساقلاش قارارىغا خىتاي قارشى چىقتى

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ پارىژدىن بايان قىلىشىچە، 20 دۆلەت گۇروھىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، پۈتۈن يەر شارى خارەكتىرلىق ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا تېخىچە ساقلىنىۋاتقان ئىقتىسادىي تەڭپۇڭسىزلىقنى تەڭشەش توغرىسىدا بەش ماددىلىق قارار لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. خىتاي بۇنىڭغا قارشى چىقتى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىقتىسادشۇناسلار بۇ يىغىندا «خىتاي سودىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ ئېرىشكەن پايدا بىلەن تاشقى پېرېۋوت توپلاپ، بولۇپمۇ ئامېرىكا دوللىرىغا بېسىمدارلىق قىلىش ئارقىلىق، 2008‏-يىلىدىكى ئىقتىسادىي كرىزىسنى كەلتۈرۈپ چىقاردى» دەپ يەكۈن چىقارغان ئىدى. شۇنداقلا، پۈتۈن يەر شارىدا بۇنداق كرىزىسنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بەش تۈرلۈك قارار لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

گەرچە كۆپ سانلىق دۆلەت، يەنى ئامېرىكا دوللىرىغا تايىنىدىغان دۆلەتلەر بۇنىڭغا تامامەن قوشۇلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بۇ بەش تۈرلۈك قارار لايىھىنىڭ ئىككىسىگە، يەنى پۇلنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتىنى كونترول قىلىۋېلىشنى چەكلەش ۋە ئالدىغان پايدىنى ئالدىن قوشۇپ ھېسابلاشنى چەكلەش دېگەن ئىككى ماددىغا قەتئىي قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن، يىغىن ئەھلىدە ئورتاق پىكىر ھاسىل بولمىدى ۋە قارار ماقۇللانمىدى.