خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ھەم تىبەت رايونىغا قارىتىلغان مەبلەغنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن 19- يانۋاردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۆلەت پىلان كومىتېتى بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىل ئىچىدە، « شىنجاڭغا ياردەم، شىزاڭغا ياردەم» نامىدا، ئۇيغۇر ھەم تىبەت رايونىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارغا قارىتا ئىقتىسادىي سېلىنمىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيانقى ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەزگىلىدە، ئۇيغۇر رايونىدىكى نېفىت پاختا، كۆمۈر قاتارلىق بايلىق مەنبەلىرىنى خىتاينىڭ شەرقىي ئۆلكىلىرىگە توشۇشنى ئاساس قىلغان بولسا، 2009- يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى نارازىلىق نامايىشىدىن كېيىن، مەخسۇس شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى ئېچىپ، رايوندىكى بايلىق مەنبەلىرىنى خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسىنىڭ ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئېچىشىغا بۆلۈپ بەرگەن. بۇلتۇردىن باشلاپ تىبەت رايونىدىمۇ بۇ خىل سىياسەتنى يۈرگۈزۈشكە باشلىغان بولۇپ، «شىزاڭغا ياردەم» نامىدا تىبەتتىكى سۇ ھەم ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىنى تېزلەتكەن.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە يەنە، 16-يانۋار كۈنى قەشقەر شەھىرىنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، 2011-يىلى يۇقىرى مائاش بىلەن، خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىن ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەكلىپ قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتى، رايوندىكى بايلىق مەنبەلىرىنى تېزلىكتە ئېچىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى رايونغا يەنە « ئىختىساس ئىگىلىرىنى يۆتكەش» نامىدا يەنىمۇ كۆپلىگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.