ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەخمەدى نىجات سۆزىدە بېسىم ئاستىدا ھەرگىزمۇ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدە غەرب بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
ئىراننىڭ يادرو پىلانى ئىزچىل تۈردە غەربنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىماقتا.
يەكشەنبە كۈنى ئىرانلىقلار 1979 - يىلى، ھۇمەينى باشچىلىقىدىكى ئىسلامىي كۈچلەرنىڭ غەربپەرەس پەھلەۋى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ، ئىران ئىسلام ھۆكۈمىتىنى قۇرغان خاتىرە كۈنىدۇر.
يەكشەنبە كۈنى يەنە، يەمەن ھۆكۈمىتى ئىراننىڭ قورال - ياراق باسقان بىر پاراخوتىنى توختىتىپ قويغان بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپ يەمەننىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قوللىدى.