بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ 12 كۈندىن بۇيان ئاچلىق ئېلان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇنىڭ دادىسى مۇخبىرنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى ۋاقىت قوبۇل قىلىپ، قىزىنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىش كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما، ئىران دائىرىلىرى بولسا، ئۇنىڭ تاماق يېيىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلغان.
راخسانا سابىرى بۇ يىل 1 - ئايدا ئىراندا مۇخبىرلىق قىلىش جەريانىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، ئامېرىكا جاسۇسى، دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. بۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئىراننى تەنقىد قىلغان ھەمدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارى كلىنتون بولسا، ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
مەزكۇر مەسىلە ئىران ۋە ئامېرىكا ئارىسىدىكى نازۇك نۇقتىغا ئايلانغان بولۇپ، چۈنكى نۆۋەتتە، ئىران بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆز مۇناسىۋەتلىرىنى ئىللىتىش ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئېھتىماللىقى پەرەز قىلىنماقتا ئىدى.
