ئىران يەنە 10 ئۇران تاۋلاش زاۋۇتى قۇرماقچى

ئىران ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھەپتىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاتوم ئورگىنىنىڭ ئىراننىڭ ئۇرانلىرى رۇسىيىدە تاۋلاپ بېرىش ھەققىدىكى قارارىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى يەنە مۇرەككەپلەشكەن شۇنىڭدەك ئارقىدىنلا ئىران ھۆكۈمىتى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر باشلىغان ئىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران مەتبۇئاتلىرى ئىراننىڭ يېڭىدىن 10 ئۇران تاۋلاش زاۋۇتى قۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ زاۋۇتنىڭ 5 جايدىكى ئورنى تەستىقلانغان ھەمدە قالغان بەش ئورۇن داۋاملىق ئىزلەنمەكتە ئىكەن.

يەكشەنبە كۈنى ئىران ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتىنىڭ ئاتوم ئورگىنى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى ئازايتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئالدىنقى ئايدا مەزكۇر ئورگان ئىراندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەمدە جۈمە كۈنى ئىران ھۆكۈمىتىدىن ئۇران تاۋلاشنى ۋە مەخپىي يادرو ئەسلىھەسى قۇرۇشنى توختىتىشنى، بارلىق يوشۇرۇن يادرو بازىلىرىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.