بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا تەرەپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىمۇ توختىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوباما ھۆكۈمىتى ئىراننىڭ يادرو پىلانى مەسىلىسىدە سۆھبەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىدىن قەتئىي نەزەر ئامېرىكىنىڭ ئىران بىلەن بولىدىغان سۆھبەتتە يەنىلا بۇ مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نۆۋەتتە، ئامېرىكا بىلەن ئىران ئارىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان مەسىلە بولۇپ، ئامېرىكا، گېرمانىيە، فرانسىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى ئىزچىل ھالدا ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا قارشى تۇرغان. بىراق، ئىران تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ يادرو پىلانىنىڭ پەقەت تىنچلىق ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ماخمۇد ئەخمەدى نىجات يېقىندا نىيو يوركتا ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. بۇ جەرياندا مەزكۇر مەسىلىلەر ھەققىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەر بولۇشى پەرەز قىلىنماقتا.