ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى يەنە "ساھاب" ناملىق ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرىلىدىغان بومبىلىرىنى سىناق قىلىدىكەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، "ساھاب " ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا 2000 كىلومېتىرلىق مۇساپىغا يېتىدىكەن. نۆۋەتتە، ئىران ئۆزىنىڭ بىر قاتار باشقۇرىلىدىغان بومبىلىرىغا ئىگە بولۇپ، ھەربىي كۆزەتكۈچىلەر ئىراننىڭ مەزكۇر راكېتالىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ پارس قولتۇقى رايونىدىكى ھەربىي بازىلىرى ۋە ئىسرائىلىيىگە قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئىراننىڭ بۇ قېتىمقى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ئىراننى مەخپىي ئۇران تاۋلاش بىلەن شۇغۇللانغانلىق بىلەن ئەيىبلىشى ھەمدە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىراننى تەنقىد قىلىشى نەتىجىسىدە ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى بۇ زاۋۇتتا خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇشىغا توغرا كەلگەن.
ب د ت ئومۇمى يىغىنى ئېچىلىۋاتقان پەيتتە مەيدانغا چىققان بۇ مەسىلىلەر ئىرانىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە جىددىي كەيپىيات پەيدا قىلغان بولۇپ، مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنىڭ بۇ مۇناسىۋەتلەرگە تېخىمۇ تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى تەھلىل قىلىنماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخى بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئامېرىكا ئۆزىنىڭ شەرقىي ياۋروپاغا ئورناتماقچى بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى پىلانىدىن ۋاز كەچكەن بولسىمۇ، بىراق ئىراننىڭ باشقۇرىلىدىغان بومبا تەھدىدىنىڭ تۈگىمىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
ئىراننىڭ ئۇران تاۋلاش پىلانى مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئىزچىل تۈردە تېھراننى قوللاش پوزىتسىيىسىدە بولۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.