ئىران پارىس قولتۇقى رايونىدا راكېتا سىنىقى ئېلىپ باردى
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.01.01
2012.01.01
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، ئىران دېڭىز ئارمىيە گېنېرالى مۇھەممەد مۇساۋىيە بۇ خىل ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئەڭ ئىلغار تېخنىكا ۋە ئۇچۇر سىستېمىسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ يېقىنقى بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئىراننىڭ يەنە بىر قانچە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ يېزىشىچە، بۇ ئىراننىڭ 24 - دېكابىر كۈنى باشلىغان ھورمۇز بوغۇزىدىكى ھەربىي مانېۋىرنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، ئىران بۇ مانېۋىردا ھەر خىل قوراللىرىنى ئىشلىتىپ پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى ۋە ھىندى ئوكيان رايونىدا ھەيۋە كۆرسەتكەن.
بۇ ئارىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما مۇداپىئە ئىشلىرى قانۇنى ئىمزالىغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئىرانغا قارىتىلغان يېڭى ئېمبارگو چارىلىرىمۇ ئەكىس ئەتكەن ئىدى. قانۇن بويىچە ئىران دۆلەت بانكىسى بىلەن ئالاقە قىلغان ھەر قانداق چەتئەل شىركىتىنىڭ ئامېرىكا پۇل - مۇئامىلە ساھەسى بولغان ئالاقىسى كەسىپ تاشلىنىدىكەن.