ئىران دائىرىلىرى شەنبە كۈنى يادرو مەسىلىسىدە غەرب ئەللىرىگە ئۇلتىماتۇم تاپشۇردى

ئىران دائىرىلىرى شەنبە كۈنى يادرو مەسىلىسىدە بايانات ئېلان قىلىپ، بىر ئايلىق مۆھلەت ئىچىدە ئىراننىڭ يادرو رېئاكتورلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن غەرب ئەللىرىنىڭ ئىرانغا قويۇلدۇرۇلغان ئۇران سېتىپ بېرىشى، ئۇنداق بولمايدىكەن ئىراننىڭ ئۆز ئالدىغا ئۇران قويۇلدۇرۇشقا باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ غەرب ئەللىرىگە ئۇلتىماتۇم تاپشۇردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-01-02
Share

ئامېرىكا ئاۋازىدا نەقىل قىلىنىشىچە، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مانوچېھر موتتاكى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە "خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پەقەت قارار چىقىرىدىغان بىر ئاي ۋاقتى بار" لىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە " بۇ بىر ئۇلتىماتۇم" دېدى.

ئىران 31 - دېكابىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئوتتۇرىغا قويغان ھەل قىلىش كېلىشىمنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىراندا قويۇلدۇرۇلغان تۆۋەن دەرىجىلىك ئۇراننى يادرو ئېنېرگىيىسى يېقىلغۇسىغا تېگىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىران دائىرىلىرى يادرو ئېنېرگىيىسى ئۇچۇن ئۇران قويۇلدۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىراننى مەزكۇر پىلانىدىن ۋاز كېچىشىنى كۆپ قېتىم دەۋەت قىلغان ۋە ئىرانغا قارىتا ئۈچ تۈرلۈك ئېمبارگو قويغان ئىدى.

ب د ت ئىران قويۇلدۇرغان تۆۋەن دەرىجىلىك ئۇرانلارنىڭ ھەممىسىنى توشۇپ چىقىپ كېتىپ، فرانسىيە ۋە رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ قويۇلدۇرۇشىغا تاپشۇرۇش، ۋە يېقىلغۇنى ئىران تۇپرىقىدا ئالماشتۇرماسلىق تەلىپىنى قويغان. ئىران ب د ت نىڭ بۇ تەلەپلىرىگە قوشۇلمىغان ۋە يادرو يېقىلغۇسىنى پەقەت تۈركىيە تۇپرىقىدا ئالماشتۇرۇش پىكرىنى تونۇشتۇرغان.

ب د ت ئەگەر ئىران بۇ تەلەپلەرگە قوشۇلمىسا ئىرانغا يەنە ئېمبارگو قويىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئىران ئۆزى قويۇلدۇرۇۋاتقان ئۇرانلارنىڭ پەقەت خەلق تۇرمۇشىنى قامدايدىغان يادرو ئېنېرگىيىنى ئۇچۇن ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىراننىڭ ئاتوم بومبىسى ياشاش غەرىزى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئىراننى ئۇران قويۇلدۇرۇش پىلانىنى بىكار قىلىشقا قىستاپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت