ئىران مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۆزىدە يەنە ئىران دىنىي داھىيلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بولغان ۋەقەلەرگە سەزگۈرلۈك بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىران دىنىي داھىيلىرىدىن ئاياتوللاھ ناسسىر ماكەرەم شىرازى بىلەن ئاياتوللاھ لۇتفۇللا سافى گولپايگانى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ھەمدە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىن بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
نەتىجىدە، بۇ قېتىم خىتاي بىلەن ئىزچىل مۇناسىۋەتنى ياخشى تۇتۇپ كەلگەن ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خىتاينى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.