ب د ت ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەسىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يادرو قوراللىرىنى تەكشۈرۈش خادىملىرى ئالدىنقى ئايدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم بويىچە ئىراننىڭ ئۇران تاۋلاش ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

بۇ تەكشۈرۈشنىڭ ۋاقتى ئۈچ كۈن بولۇپ، ب د ت نىڭ تۆت كىشىلىك مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يەكشەنبە كۈنى ئىراندىكى كۆزلىگەن جايغا يېتىپ كېلىپ، خىزمەتلىرىنى باشلىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران تەرەپ مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ ئىراننىڭ قۇم شەھىرىدىكى يادرو ئەسلىھەلىرىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. ئىران تەرەپنىڭ ئۇران تاۋلاش پىلانى ئامېرىكا، گېرمانىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئىراننىڭ مەخپىي رەۋىشتە ئۇران تاۋلىغانلىقى تەنقىد قىلىنغان ھەمدە كېلىشىم بويىچە ئىران ب د ت نىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا قوشۇلغان ئىدى.

ئىراننىڭ ئۇران تاۋلاش مەسىلىسىدە ب د ت بىر يېڭى لايىھە سۇنغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئىراننىڭ ئۇرانلىرىنى رۇسىيە تاۋلاپ بېرىش بەلگىلەنگەن ئىدى. بۇ لايىھىگە، ئامېرىكا، رۇسىيە، فرانسىيە قاتارلىق ئەللەرمۇ قوشۇلغان. ئەمما، ھازىرغا قەدەر ئىراندىن بۇ لايىھە ھەققىدە جاۋاب چىقمىغان. ئىران بولسا، ئۆزلىرىنىڭ ئۇران پىلانىنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

شەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما، رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ ھەم فرانسىيە پرېزىدېنتى قاتارلىقلار تېلېفون ئارقىلىق ب د ت نىڭ ئىراننىڭ ئۇران تاۋلاش پىلانىغا ئائىت لايىھىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان ئىدى.