ئىران كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى

يەكشەنبە كۈنى ئىران ھەربىي دائىرىلىرى كەڭ كۆلەملىك ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش ھەربىي مانېۋىرى باشلىغان بولۇپ، ئىران تەرەپ بۇ ھەربىي مانېۋىرنىڭ مەقسىتىنىڭ ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

رۇسىيىنىڭ "نەۋسرۇ" تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەربىي مانېۋىر بەش كۈن داۋاملىشىدىكەن ھەمدە مانېۋىر ئىراننىڭ ئوتتۇرا، غەربىي ۋە جەنۇبىي رايونلىرىدا ئۆتكۈزىلىدىكەن. مانېۋىرغا ئىراننىڭ سەر خىل قوشۇنى ھېسابلانغان ئىنقىلابىي قوغدىغۇچى قوشۇن ۋە باشقا ھەربىي قىسىملار قاتناشتۇرۇلىدىكەن.

بۇ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكەن ھەپتىدە ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت ئوتتۇرىغا قويغان ئىراننىڭ ئۇرانلىرىنى سىرتتا تاۋلاپ بېرىش ھەققىدىكى لايىھىسىنى رەت قىلىشىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. تېھران ھەربىي دائىرىلىرى ئۆزلىرىگە قارىتىلىدىغان ھەربىي ھەرىكەتلەرگە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

نۆۋەتتە، ئىران بىلەن غەربنىڭ ئارىسىدىكى يادرو پىلانى ھەققىدىكى ئىختىلاپ تېخىمۇ كۈچەيمەكتە.