بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بىر قانچە مىڭ نامايىشچى ھۆكۈمەتكە قارشى شوئار توۋلاپ نامايىش قىلغان، ئۆكتىچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغان ۋە كۆزدىن ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتقان ھەمدە تۆت نەپەر نامايىشچى ئۆلگەن. بىراق، ساقچى تەرەپ بۇنى ئېتىراپ قىلمىغان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەنبە كۈنى ساقچىلار تېھراننىڭ شىمالىدىكى بىر مەسچىتتە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشنى ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ تارقاتقان ئىدى. تېخى ئالدىنقى ھەپتىدە ئۆكتىچىلەر سابىق ئىران دىنىي داھىيىسىنىڭ سۈرىتىنى يىرتقانلىقى ئۈچۈن ئىران ساقچى، ھەربىي ۋە دىنىي ئەربابلىرى ئۆكتىچىلەرنى قاتتىق جازالاشنى تەلەپ قىلغان.
ئىراندىكى ئۆكتىچىلىك نامايىشلىرى 6 - ئايدىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا ئەخمەدى نىجاتنىڭ قايتا سايلىنىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۆكتىچىلەر سايلامنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. 6 - ئايدىكى نامايىشمۇ كەڭ كۆلەملىك تۈس ئالغان.
بۇ قېتىم ئۆكتىچىلەر ساقچى تەرەپنىڭ توسۇشىغا قارىماي، يەكشەنبە كۈنى شىئەلەرنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تېھران مەركىزىدىكى مەيداندا يىغىلىش ئېلىپ بارغان ئىدى.