ئىراننىڭ بىر قانچە نەپەر گېنېرالى پارتلاپ ئۆلدى

يەكشەنبە كۈنى ئىراننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى سىستان - بالۇچىستان رايونىدا شىئە ۋە سۈننىي مۇسۇلمان داھىيلىرىنىڭ بىر قېتىملىق يىغىلىش جەريانىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىق پارتلاش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 31 ئادەم ئۆلگەن، 28 ئادەم يارىلانغان.

ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا ئىران ئىنقىلابى ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى گېنېرال نۇرالى شوشتارى، بۇ رايوندا تۇرۇشلۇق ئىران ئىنقىلابىي ئارمىيىسىنىڭ كورپۇس قوماندانى مۇھەممەد زادە قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن. بۇ گېنېراللار يەرلىك قەبىلە ۋە دىنىي داھىيلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە كەلگەن ئىكەن.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران تېلېۋىزىيىسى بۇ قېتىملىق ۋەقەدە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قولى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە ئامېرىكىنى تىلغا ئالغان. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تەرەپ بۇ قېتىملىق ۋەقەنى ئەيىبلىگەن ھەمدە ئىراننىڭ ئەيىبلىشىنى ئىنكار قىلغان.

ئىران تەرەپ يەنە بالۇچىستاندىكى سۈننىيلارنىڭ "جۇناداللاھ" دەپ ئاتالغان بىر تەشكىلاتىنىمۇ ئەيىبلىگەن. ئىران ھۆكۈمىتى ئىلگىرىمۇ بۇ رايوندا يۈز بەرگەن بىر قانچە قېتىملىق ۋەقەلەردە مەزكۇر تەشكىلاتنى سۆككەن ئىدى.

"جۇنداللاھ" دەپ ئاتالغان بۇ تەشكىلات ئىراننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئافغانىستان ۋە پاكىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان سىستان - بالۇچىستان رايونىنىڭ سىياسىي ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر رايوندا سۈننىيلارنىڭ ئاساس قىلغان ھەمدە سۈننىي مەزھىپىگە مەنسۇپ بالۇچىلار ياشايدىكەن.