ئىران سايلام بېلەتلىرىنى قايتا ستاتىستىكا قىلماقچى

ئىراندا ئۆتكۈزۈلگەن سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ ئەھمەدى نىجادنىڭ قايتا پرېزىدېنت بولغانلىقى بىلەن جۈمە كۈنىدىن باشلاپ ئىران ۋەزىيىتىدە جىددىي ئۆزگىرىش يۈز بەردى. يەنى پرېزىدېنت نامزاتى ھۆسەيىن مۇساۋېينىڭ قوللىغۇچىلىرى سايلام نەتىجىسىدىن يەنى بېلەت سانىنىڭ توغرىلىقىدىن گۇمانلانغان ھەمدە كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتى باشلىغان، مۇساۋېينىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن ئەھمەدى نىجادنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئوتتۇرسىدىمۇ توپىلاڭ يۈز بېرىپ، ئىراندا بۇ خىل ۋەزىيەت بۈگۈن تۆتىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى.

ب ب س نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، دۈشەنبە كۈنىدىكى خەلقنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتى داۋامىدا يەتتە كىشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئىران تېلىۋېزىيىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ۋەقە، ئاممىنىڭ تېھراندىكى بىر ھەربىي گازارمىغا بېسىپ كىرىشى بىلەن كېلىپ چىققان.

ئىران پرېزىدېنت سايلىمى كرىزىسقا يۈزلەنگەندىن بۇيان ئىران دائىرىلىرى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەت قىلىشىنى چەكلەۋاتقان بولۇپ، سەيشەنبە ئۇلار چەتئەل ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ زىيارەت قىلىشتىن بۇرۇن رۇخسەت ئېلىشىنى ئۇقتۇرغان.

دۈشەنبە كۈنى تېھراندا ئېلىپ بېرىلغان سايلامغا قارشى نارازىلىق نامايىشىغا يۈز مىڭلارچە كىشى قاتناشقان بولۇپ، بۇ ئىران تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور نارازىلىق ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ.

ئىران ئالىي داھىيسى ھۈمەينى بۇ قېتىملىق پرېزىدېنت سايلام بېلىتىنى قايتا ئېنىقلاش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن.