ئاياتۇللاھ خامېينىي نامايىشچىلارنى ئاگاھلاندۇردى

ئىران ئالى دىنىي رەھبىرى ئاياتۇللاھ خامېينىي تېھران ئۇنىۋېرسىتېتىدا جۈمە خۇتبىسى سۆزلەپ، ئىران پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ئۆكتىچى نامزاتى ھۆسەييىن مۇسەۋىنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى كوچا نامايىشىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى. ئۇ ئىراندا يېقىنقى 30 يىلدىن بېرى يۈز بېرىپ باقمىغان زور كۆلەملىك نامايىشلارغا سەۋەب بولغان بۇ سايلامدا ئەخمەدىنىجادنىڭ "ھەل قىلغۇچ غەلىبە " گە ئېرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ خامېينىينىڭ ئىراندا زور كۆلەملىك نامايىش پارتلىغاندىن بېرى تۇنجى قېتىم ئاشكارا مەيدانغا چىقىپ، سايلام نەتىجىسىنى ئاقلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سايلامدىكى غالىپ تەرەپنى كوچا نامايىشلىرىنىڭ ئەمەس، بەلكى ساندۇقتىكى بىلەتنىڭ بەلگىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن خامېينىي، زوراۋانلىقلار يۈز بەرسە بۇنىڭغا يىتەكچىلەرنىڭ جاۋاب بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

ئۆكتىچى پرېزىدېنت نامزاتى مۇسەۋى 12 ‏ - ئىيۇندىكى سايلامدا ساختىپەزلىك يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، سايلام نەتىجىسىنى ئىناۋەتسىز قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئىراندا مۇسەۋىنىڭ قوللۇغۇچىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك نامايىشى پارتلىغان ئىدى.

سايلامدا ئەخمەدىنىجادنىڭ 63% بىلەتكە ئېرىشكەنلىكى، مۇسەۋىنىڭ 34% بىلەتكە ئېرىشكەنلىكى ئېلان قىلىنغان. لېكىن تېھراندا مۇسەۋىنىڭ 13 مىليوندىن كۆپ بىلەتكە ئېرىشكەنلىكى، ئەمما سايلام نەتىجىسى ئەخمەدىنىجادنىڭ غەلىبىسىگە ئېلان قىلىنغانلىقىغا دائىر گەپ - سۆزلەر كەڭ تارقالغان.

خامېينېي جۈمە خۇتبىسىدىكى نۇتىقىدا بۇ قاراشلارنى رەت قىلىپ، پرېزىدېنت ئوباماغا ھۇجۇم قىلدى. ئۇ ئامېرىكىنى "ئىران خەلقىنى ئىسيانغا كۈشكۈرتۈش"بىلەن ئەيىبلىگەن.