مۇسۇلمانلارغا ھاقارەت قىلىدىغان ئايالچە ئىشتان ساتقان خىتاي سودىگەرلىرى ئىراندا قولغا ئېلىندى

'خىتايدا ئىشلەندى' دېگەن بەلگىسى بار ئايالچە 'پادىچىلار شىمى'نىڭ پەللىكىگە لايىھىلەنگەن ئەرەبچە خەتلەر ئىراندا، مۇسۇلمانلارغا ھاقارەت كەلتۈردى، دەپ قارىلىپ، جىددىي غۇلغۇلا پەيدا قوزغىدى.

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدىن ئىرانغا ئىكىسپورت قىلىنغان ئايالچە 'پادىچىلار شىمى' نىڭ پەللىكىگە ئەرەبچە 'بىسمىللاھىر راھمانېررەھىم' دېگەن كەلىمە لايىھىلەنگەن بولۇپ، بۇ خىل كېيىم ئىراندا مۇسۇلمانلارغا ھاقارەت كەلتۈردى، دەپ قارالدى. بۇنداق مالنى ساتقان ئۈچ نەپەر خىتاي سودىگىرى قولغا ئېلىندى، ئۇلارنىڭ مېلى ئىران دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىندى.

بۇ دېلونى ئېنىقلاۋاتقان تېھران ساقچىسى ئابباس مىرزىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي سودىگەرلىرى ئىراندا 7 يوۋرو )خىتاي پۇلىغا سۇندۇرغاندا 70.2 يۇەن( دىن سېتىۋاتقان بۇ خىل ئايالچە ئىشتانلارنىڭ ھەممىسىدە 'خىتايدا ئىشلەندى' دېگەن بەلگە يوق، ئۇنىڭ قايسى دۆلەتتە ئىشلەنگەنلىكى تېخى نامەلۇم، ئەمما ئەرەبچە خەتلەر بىلەن لايىھىلەنگەن بۇ خىل مال، ئىراندا مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان ھاقارەت، دەپ قارىلىپ جىددىي غۇلغۇلا قوزغىماقتا.