ئىراقتىكى پارتلاشتا 30 ئادەم ئۆلدى

يەكشەنبە كۈنى ئىراقنىڭ ھەر خىل مىللەتلەر ئارىلىشىپ ياشايدىغان كىركۇك شەھىرىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش خاراكتېرلىق پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 30 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى 70 تىن ئارتۇق ئادەم يارىدار بولدى.


ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىچىك تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن قىلىنغان بۇ ھۇجۇم شۇ جايدىكى ساقچى ئىدارىسىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، شۇ ئەتراپتىكى بىنالارغا مەلۇم دەرىجىدە زەرەر يەتكەن.

كىركۇك شەھىرىدە سۈننى ۋە شىئە مەزھىپىگە مەنسۇپ بولغان ئەرەب، تۈركمەن، كۇرد قاتارلىق مىللەتلەر ياشايدۇ. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، سادام ھۆكۈمىتى يىقىلىپ، شىئە مەزھىپىگە مەنسۇپ ئادەملەر كۆپرەك ئورۇندىن تەشكىللەنگەن ئىراق يېڭى ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن كېيىن سۈننىيلەرنىڭ نارازىلىقلىرى كۈچەيگەن ئىكەن. ئەمما كىركۇكتىكى بۇ پارتلاش ۋەقەسىنى تېخى ھېچقانداق بىر تەشكىلات ئۆز زىممىسىگە ئالمىدى.